Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۈبۈت
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۇبۇت.
تۈرك ئەللىرىدە ياشايدىغان بىر قوۋم. ئىپار كېيىك شۇلارنىڭ يۇرتىدىن چىقىدۇ. بۇ كېيىكنىڭ كىندىكى كېسىۋېلىنىدۇ. ئەنە شۇ نەرسە «كىندىك ئىپار» دېيىلىدۇ. تۈبۈتلەر«» ئىسىملىك بىر ئادەمنىڭ ئەۋلادىدۇر. بۇ يەمەنلىك ئادەم بولۇپ، ئۇ يەردە (يەمەندە) بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقتىن، جىنايىتىدىن قورقۇپ، كېمە بىلەن چىنغا كەلگەن. بۇ يەر ئۇنىڭغا ياراپ قېلىپ، شۇ يەرگە ئورنىشىپ قالغان. كېيىن ئۇنىڭ ئۇرۇق - ئەۋلادى كۆپىيىپ، تۈركلەر زېمىنىدىن مىڭ بەش يۈز پەرسەخ يەر ئالغان. بۇ يەرنىڭ شەرق تەرىپى چىنغا، غەرب تەرىپى كەشمىرگە، شىمال تەرىپى ئۇيغۇر يۇرتىغا، جەنۇب تەرىپى ھىند دېڭىزىغا تۇتىشىدۇ. ئۇلارنىڭ تىللىرىدا ئەرەبچىنىڭ تەسىرى بار، «ئانا» نى « ئۇما»، «ئاتا» نى « ئابا» دەيدۇ.
1 - 460
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قەدىمكى مىللەت نامى؛ قەدىمكى يۇرت نامى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تارىخ
مەملىكىتىمىزنىڭ بۈگۈنكى چىڭخەي، شىزاڭ ئېگىزلىكىدە ياشىغان قەدىمكى مىللەت. ئۇ يەنە <تىبەت> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ مىللەت تاڭ سۇلالىسى زامانىدا مەملىكىتىمىز ئىچىدە ھاكىمىيەت قۇرغان.