Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تىتۇس
تارىخ
梯都
tī dōuDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
蒂图斯
dì tú sī
دۇنيا تارىخى
狄托
dí tuō
(مىلادى 39 - 81 - يىللىرى)قەدىمكى رىم ئىمپېراتورى (79 - 81 - يىللار). ۋېسپاسىئاننىڭ ئوغلى. گېرمان ۋە برىتانىيىلەردە ئەسكەر بولغان. پەلەستىندە يەھۇديلار رىمغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە، ئاتىسى بىلەن 67-يىلى قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا بارغان. ئاتىسى رىمغا قايتىپ بېرىپ ئىمپېراتور بولغاندا، ئۇ ھەربىي قوماندان بولغان. 71-يىلى ئېرۇسالىم شەھىرىنى ئىشغال قىلغاندا، قاتتىق ۋەيرانچىلىق ۋە قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ، بىر قانچە ئون مى ئاھالىنى قۇل قىلىپ سېتىۋەتكەن. ئىككىنچى يىلى زور مىقداردىكى ئۇرۇش ئولجىلىرىنى ئېلىپ رىمغا قايتىپ كېلىپ، يەھۇدىيلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش زەرپەر دەۋازىسى ياساتقان. بۇ دەرۋازا ھازىرغىچە ساقلانماقتا. ئۇ تەختكە چىققان دەسلەپكى مەزگىلدە 79-يىلى 8-ئايدا ۋەىزوۋى يانار تېغى تۇنجى قېتىم پارتلاپ، پومپېي قاتارلىق شەھەرلەر لاۋا ئاستىدا قالغاندا قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان. ۋېسپاسىئاننىڭ سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ھەربىي ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتكەن؛ رىم قاتارلىق شەھەرلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىققان، كلۇزې چوڭ تىياتىرخانىسىمۇ مۇشۇ ۋاقىتتا پۈتكەن.
دىنى سۆزلۈكلەر
خىرىستيان دىنى
提图斯
tí tú sī