Uyghurئاساسىي لۇغەت
تىتتى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تىيدى، چەكلىدى.
ئول ئانى تىتتى _ ئۇ ئۇنى تىيدى، (بىر نەرسىدىن) توستى. ئەسلى « تىزتى» بولۇپ، « _ » ھەرپى ئىدغام قىلىنىش نەتىجىسىدە «ت _ t» غا ئايلىنىپ كەتكەن ( تىزار _ تىزماق).
2 - 426
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تىتتى؛ تىكىلىپ قارىدى، ھومىيىپ قارىدى.
ئول ئەت تىتتى _ ئۇ ئەت تىتتى، يەنى ئېزىلىپ پىشقان گۆشنى تىتتى. كىيىمنى بەك يىرتىۋەتسىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ. قۇل بەگكە تىتتى _ قۇل بەگ بىلەن تىركەشتى، يەنى بەگكە قارشى چىقتى. باشقىلارغا قارشى چىقىشقىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ. ئول ئاڭار تىترۈ باقدى _ ئۇ ئۇنىڭغا تىك (تىكىلىپ) قارىدى. گۈزەل ھەققىدە شۇنداق دېيىلگەن: ئاڭار تىترۈ باقسا بولماس _ ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىغىلى بولماس. بۇ سۆز بەزىدە ھومىيىش مەنىسىدىمۇ كېلىدۇ ( تىتەر _ تىتمەك). گۆش تىتىش ۋە كىيىم يىرتىش مەنىسىدە كەلسە، سۆزنىڭ مەستىرى قاتتىق «ق _ » بىلەن ( تىتار _ تىتماق) بولۇپ كېلىدۇ.
2 - 426