Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تىسۇبو ئۇچى شويو
دۇنيا تارىخى
坪内逍遥
píng nèi xiāo yáo
(1859 - 1935) ياپونىيىلىك يازغۇچى، دراماتورگ، ئوبزورچى ۋە تەرجىمان. ئەدەبىيات دوكتورى. ئەسلى ئىسمى يزۇ، كېيىن شىيۇڭزاڭ (يوزۇ) دەپ ئاتالغان، تەخەللۇسى خارۇرويا، يەنە بىر تەخەللۇسى شويويۇخىتو. توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ياش ۋاقتىدا <ھېكايە جەۋھىرى> دېگەن ئەدەبىيات - سەنئەت نەزەرىيىسى ۋە <زامانىمىزدىكى تالىپلارنىڭ خسلىتى> دېگەن رومانىنى ئېلان قىلىپ، ياپونىيە يېقىنقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ پېشۋاسى ۋە ئاساسچىسى بولۇپ قالغان. كېيىن توكيو كەسپىي مەكتىپى (ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەكتى) دە ئەدەبىيات كەسپىنى ئېچىپ، <ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىياتى> ژۇرنىلىنى تەسى قىلغان ھەمدە سەھنە ئەسىرى ئىجادىيىتى ۋە ئىسلاھات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئەسەرلىرىىدن <توڭيىيى> دېگەن تارىخىي درامىسى، <يولۇچىنىڭ رولىنى ئالغۇچى> دېگەن سىمۋوللۇق تىياتىرى، <ئۇراشىمادىكى يېڭى ناخشا> دېگەن ئۇسسۇللۇق تىياتىرى بار. ئۇ يەنە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان غەيرەت بىلەن 30 نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 40 توملۇق <شېكسپىر ئەسەرلىرى> نى تەرجىمە قىلىپ چىققان. ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئويۇن كۆرسىتىدىغان مۇزېي ياساتقان. 13 توملۇق <تىسۇبوئۇچى شويو ئەسەرلىرى> (يەنە قوشۇمچە ئىككى قىسىم) بار.