Uyghurئاساسىي لۇغەت
ترىئوكالا
دۇنيا تارىخى
ترىكالا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سىتسىلىيە ئارىلىدىكى قەدىمىي شەھەر، قەلئە. شۇ ئارالنىڭ غەربي جەبۇبىدىكى تاغقا جايلاشقان، ئىككىنچى قېتىمقى سىتسىلىيە قۇللار قوزغىلىڭى (مىلادىدىن ئىلگىرى 104 - 110) نىڭ بازىسى ۋە قوماندانلىق مەركىزى. قوزغىلاڭچىلار باشلىقى سالۋىئۇس بىلەن ئاتېنىئون شەھەرنى ئۈچ يىل ساقلاپ تۇرغان، ئاخىر رىم ئارمىيىسى بېسىپ كىرىپ، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.