Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ترۋېلىيان
دۇنيا تارىخى
屈维林
qū wéi lín
(1876 - 1962) ئەنگلىيە تارىخشۇناسى. تارىخشۇناس ماكائولېيىنىڭ نەۋرىسى. كىمبىرىج داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. بىرىنىچ دۇنيا ئۇرۇشى مەزەىلىدە ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ كوماندىر بولغان. 1927 - 1940 - يىللىرى كىمبىرىج داشۆسى يېقىنقى زامان تارىخى پەنلىرى بويىچە پروفېسسورلۇققا تەيىنلەنگەن. 1940-يىلى كىمبىرىج 1-مارت شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى بولغان، 1951-يىلى پېنسىيىگە چىققان. ماكائولېنىڭ تارىخىي كۆز قارىشىغا ۋارىسلىق قىلىپ، تارىخ - پەلسەپە بىلەن شېئىرىي تۇيغۇنىڭ بىرىكتۈرۈلۈشى دەپ ھېسابلاپ، يۈكسەك دەرىجىدىكى ئەدەبىي ئىپادىلەش كۈچى ئارقىلىق تارىخىي ۋەقەلەرنى تەسۋرىلىمەكچى بولغان. ئاساسلىق تارىخي ئەسەرلىرىدىن <ستوئارت سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەنگلىيە>، <گارىبالدى بىلەن ئىتالىيىنىڭ بىرلىشىشى>، <كورۇلىۋا ئاننى تەختتىكى مەزگىلىدىكى ئەنگلىيە>، <لورد گېدېي فراۋتوننىڭ تەرجىمىھالى>، <ئەنگلىيە جەمئىيىتىنىڭ تارىخى> ۋە <ئەنگلىيە تارىخى> قاتارلىقلار بار.