Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ترۇجىللو
ئۇنىۋېرسال
特鲁希略
tè lǔ xī luè
دۇنيا تارىخى
特鲁希略
tè lǔ xī luè
(1891 - 1961) دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى (1930 - 1938، 1942 - 1952)، مۇستەبىت. 1918-يىلى ئەسكەرلىككە كىرگەن. ئامېرىكا ئىشغالىيىتى دەۋرىدە (1916-يىلى ئەسكەرلىككە كىرگەن. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلغۇچى قىسىملىرىدا تەربىيىلەنگەن. 1927-يىلى مىللىي مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىنى باشقۇرغۇچى قوماندان بولغان. 1930-يىلى زۇڭتۇڭلۇققا <سايلىنىپ>، دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى تىزگىنلەشكە باشلىغان. 1932-يىلى <گېنېراللىسسموس> دېگەن ئۇنۋانغا ئىگە بولغان. ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە، ئىشچىلار ھەرىكىتىنى قانلىق باستۇرغان، سىياسىي رەقىبلىرىگە زىيانكەشلىك قىلغان. بارلىق ئۆكتىچى تەشكىلاتلارنى تارقىتىۋەتكەن، <دومىنىكا پارتىيىسى> گە تايىنىپ فاشىستىك ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن. 1937-يىلى ئىش ئىزدەپ چېگرىدىن كىرگەن 10 مىڭدىن ئارتۇق ھايتىلىقنى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ قىرغۇزغان. كېيىن يەنە كۇبا، گۋاتېمالا، كوستارىكا ۋە كارىپتىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ماجىراغا ئارىلىشىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن مەملىكەت ئىچىدىكى خەلقنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان. 1961-يىلى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن.