Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تېررامارا مەدەنىيىتى
دائىرە: دۇنيا تارىخى特拉马拉文化
tè lā mǎ lā wén huà
يىراق قەدىمكى ئىتالىيىنىڭ برونزا دەۋرىدىكى مەدەنىيىتى. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا (مىلادىدىن 1800 يىل ئىلگىرىكى يىللار ئەتراپىدا) ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى پادوس دەرياسى (پو دەرياسى) ۋادىسىغا تارقالغان. ئۇنىڭ ئاھالىسى ھىندى - ياۋروپا تىل سىستېمىسىغا كىرىدۇ. ئۇلار تاش قوراللاردىن تاشقىرى، برۇنزا قوراللار (پالتا، ئىسكىنە، بېگىز، ئوقيا ئۇچى قاتارلىقلار) نى كەڭ ئىشلەتكەن. چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇلار سۇ ئىچىگە تۇرغۇزۇلغان ياغاچ تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىگە ئالاھىدە تەقلىتتىكى ئۆيلەرنى سالغان، ئۇنىڭ ئەتراپىغا مۇداپىئە ئەسلىھەسىدەك قىلىپ، قاشا بېكىتكەن. ئۇلاردا كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىش، كۈلىنى كومزەكتە ساقلاش ئادەت بولغان. ئۆز زامانىسىدا خارابىلەر ھازىر چىىرىندىلەر دۆۋىسىگە ئايلىنىپ كەتكەن. بۈگۈنكى كۈندىكى ئىتالىيىلىكلەر ئۇنى <تېررامار> دەيدۇ، بۇنىڭ مەنىسى <مۇنبەت تۇپراق> دېگەن سۆز.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.