Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تروتسكىزم
دۇنيا تارىخى
托洛茨基主义
tuō luò cí jī zhǔ yì
لېنىنىزمغا قارشى، <سول> ئىبارىلەر بىلەن نىقابلانغان ئاغمىچىلىق. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا روسىيىدە مەيدانغا كەلگەن، ئۇنىڭ ۋەكىلى تروتسكى بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇ، تروتسكىنىڭ <ئۈزلۈكسى ئىنقىلاب قىلىش نەزەرىيىسى> نى ماركسىزملىق ئۈزلۈكسىز ئىنقىلاب قىلىش نەزەرىيىسىنىڭ ئورنىغا قويغان. دېموكراتىك ئىقىلاب مەزگىلىدە، پرولېتارىياتنىڭ بۇژۇئا ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلىش ھوقۇقىنى ئىنكار قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئىنقىلابىيلىقى ۋە ئىشچى - دېھقانلار ئىتتىپاقىنى قۇرۇشنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، دېموكراتىك ئىنقىلاب باسقۇچىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ، بىۋاسىتە سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىشچى - دېھقانلار دېموكراتىك دىكتاتۇرىسىنى ئورنىتىشقا قارشى تۇرغان. سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب مەزگىلىدە، لېنىننىڭ سوتسىيالىستىك ئىنقىلابنىڭ ئالدى بىلەن بىر مەملىكەتتە غەلىبە قىلىش مۇمكىنلىكى توغرىسىدىكى تەلىماتىغا قارشى تۇرۇپ، پرولېتارىيات دۇنيا ئىنقىلابىنىڭ ئومۇميۈزلۈك پارتلاش مەزگىلىنى كۈتۈپ تۇرغاندا، سوتسىيالىستىك ئىنقىلابنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ، دېگەننى تەرغىپ قىلغان. ئىنقىلاب غەلىبە قىلغاندىن كېيىن يەنە بىر دۆلەتتە سوتسىيالىزم قۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، پرولېتارىيات ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەن كېيىن، جەزمەن دېھقانلار بىلەن <دۈشمەنلىشىپ> قالىدۇ، دەرھال <دۇنيا ئىنقىلابى> قوزغالغاندىلا غەلىبە قىلغان سوتسىيالىستىك دۆلەت مۇستەھكەملىنەلەيدۇ، دەپ ھېسابلىغان. روسىيە ۋە دۇنيا ئىنقىلابىدا ناھايىتى يامان تەسىر پايدا قىلىپ، لېنىن، ستالىن ۋە ھەرقايسى ئەللەر ماركسىزم، لېنىنىزمچىلىرىنىڭ چوڭقۇر تەنقىد قىلىشىغا ئۇچرىغان.