Uyghurئاساسىي لۇغەت
تىروكسىن
بىئولوگىيە
قالقان بەز ئاجراتقان گورمونلار تىركسىن (4T) ۋە ئۈچ يودلۇق قالقان بەز ئورتو ئامىنو كىسلاتاسى (3T) دىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. 3T نىڭ فىزىئولوگىيىلىك رولى 4T كە قارىغاندا 5 - 10 ھەسسە زور، لېكىن مىقدارى جەھەتتە 3T كە قارىغاندا 4T كۆپ بولىدۇ، تىروكسىننى سىنتېزلاشنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى يود ۋە تىروزىن بولۇپ، تىروزىن بەدەندە سىنتېزلىنالايدۇ، يود بولسا، ئوزۇقلۇق ۋە ئىچىملىكلەر ئارقىلىق تەمىنلىنىدۇ؛ ئەگەر ئىچىملىكلەردە يود كەمچىل بولسا، تىروزىننىڭ سىنتېزلىنىشى ئازىيىپ يەرلىك پوقاق (قالقان بەز ئىششىقى) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىچىملىكلەرگە يود قوشۇش ئارقىلىق بۇنداق كېسەللىكنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ. تىروكسىننىڭ رولى ئىنتايىن كەڭ دائىرىلىك بولۇپ، پۈتۈن بەدەندىكى توقۇلمىلارغا دېگۈدەك تارقالغان، ئاساسەن مېتابولىزم، ئۆسۈپ يېتىلىش قاتارلىق ئاساسلىق فىزىئولوگىيىلىك جەريانلارغا تەسىر قىلىدۇ؛ (1) ماددا مېتابولىزمى ۋە ئېنېرگىيە مېتابولىزمىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تىروكسىن جىگەر گلىكوگېنىنىڭ پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، توقۇلمىلارنىڭ قەنت ۋە مايلارنى ئوكسىدلىشىنى تېزلىتىپ قان قەنتىنى ئۆرلىتىدۇ، چوڭ دوزىلىق (زور مىقدارلىق) ۋاقتىدا ئاقسىلنىڭ پارچىلىنىشىنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ ئوكسىگېن سەرپىياتى ۋە ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىش مىقدارىنى كۆپەيتىدۇ. شۇڭا قالقان بەزنىڭ خىزمىتى كۈچىيىپ كەتكەن كېسەللىكلەرنىڭ ئاساسىي مېتابولزىم نىسبىتى يۇقىرىلاپ بەدەن تېمپېراتۇرىسى سەل يۇقىرىراق بولىدۇ، كېسەل كىشى سوغۇقتىن قورقىدۇ، بەدىنى ئورۇقلايدۇ. (2) ئۆسۈپ يېتىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، قالقان بەز گورمونلىرى (تىروكسىن) ئاقسىل سىنتېزىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى ۋە ئىسكىلىتنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر قىلالايدۇ. بالىلىق ۋاقتىدا ئەگەر تىروكسىن كەمچىل بولسا، كېسەل بالىنىڭ بەدىنى ۋىجىك (پاكار)، زېھنى تۆۋەن بولۇپ قالىدۇ. بۇ كرېتىنىزم (دېۋەڭلىك) دېيىلىدۇ. ئەگەر ئۆز ۋاقتىدا تىروكسىن بېرىپ داۋالىغاندا نورماللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئۈمىد تۇغۇلىدۇ. (3) نېرۋا سىستېمىسىنىڭ قوزغىلىشچانلىقىنى ۋە يۈرەك - قان تومۇر سىستېمىسىنىڭ پائالىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. شۇڭا قالقان بېزىنىڭ خىزمىتى كۈچىيىپ كەتكەن كېسەللىكلەردە ئاسان ھاياجانلىنىدىغان، تېرىككەك، ئۇيقۇسىزلىق، يۈرەك سېلىشى تېز ھەم كۈچلۈك بولۇشقا ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.