Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ترويا
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
特罗亚
tè luó yà
دۇنيا تارىخى
特洛伊
tè luò yī
ئىلىئوم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي شىمالىدىكى قەدىمىي شەھەر، ھازىر تۈركىيىدىكى ھىسارلىكتا. ئۇنىڭ ئورنى ھېللېسپون بىلەن ئېگېي دېڭىزى تۇتاشقان جايغا يېقىن بولۇپ، مۇھىم جايغا جايلاشقان. قەدىمكى يۇنان راىۋايەتلىرىدە ئېيتىلىشىچە، تېئۇسېر بۇ يەردە تۇنجى پادىشاھلىقنى قۇرغان. پرىئام سپارتا خانىكىسى ھېلىننى ئالداپ ئېلىپ كەتكەنلىكتىن يۇنانلىقلارنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. يۇنانلىقلار ئاخىر <ياغاچ ئات ھىيلىسى> بىلەن ترويانى قولغا چۈشۈرگەن. گومېر داستانى <ئىلىئادا> دا يۇنان بىرلەشمە ئارمىيىىسنىڭ مېكناينىڭ پادىشاھى ئاگامېمنومنىڭ قومدانلىقىدا، ترويانى قورشىۋالغان ئونىنچى ىلدىكى بىر باسقۇچلۇق جەڭ بايان قىلىنغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە گېرمانىيە ئارخېئولوگى سلىيېمان ۋە دورېفېلد ترويا خارابىسىنى قېزىپ نۇرغۇنلىغان قەدىمىي يادىكارلىقلار ۋە ئالتۇن - كۈمۈش بۇيۇملىرىنى تاپقان، بۇ ئېگېي مەدەنىيىتىنىڭ تۇنجى قېتىم تېپىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئارخېئولوگىيىلىك مۇۋەپپەقىيەت يۇنان رىۋايەتلىرى ئىچىدە مەلۇم راست تارىخىي تەركىبلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. <ترويا ياغاچ ئېتى> غا قاراڭ.