Uyghurئاساسىي لۇغەت
تىرىلمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
قايتىدىن جان كىرمەك.
قەمەرخان يۈگۈر ئۇكام، سەن بېرىپ جالالىدىن مۇدىرغا ئېيت، بىلىلەرنىڭ ھەممىسى تىرىلدى.
ھوشىغا كەلمەك، ھەرىكەت قىلىشقا باشلىماق (ئۆلدى دەپ قارالغان جانلىق ھەققىدە).
ئۈچ كۈن ئۆلۈكتەك كۆزىنى ئاچماي ياتقان بەندە نېمىدىندۇر كۆزىنى ئېچىپ تىرىلىپ، بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى سۆزلەشكە باشلىدى.
قايتىدىن كۆكەرمەك، ياشارماق.
گۈلگە سۇ قۇيۇپ بىر ئاز سايىدا قويۇۋىدىم، خېلى تىرىلدى.
كۆچمە. قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقماق، پەيدا بولماق.
<كاپىتالىزم تىرىلىپ قالامىكىن؟!> دېگەنگە ئوخشاش ئەندىشىلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، يېڭى سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.