Uyghurئاساسىي لۇغەت
تىركەشمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<تىركىمەك> پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.
ئىككىسى قوللىرىنى ۋە پۇتلىرىنى يەرگە تىركىشىپ دەس تۇرۇشتى.
قارشىلىق كۆرسەتمەك، قارشىلاشماق، ئېلىشماق.
ئىشىنىمەنكى، خەق جەزمەن تىركىشىدۇ، غوۋغا چىقىدىغانلىقى كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
پۈتۈن كۈچى ۋە تىرىشچانلىقىنى ئىشقا سالماق، تىرىشماق.
ئۇ ئورنىدىن تۇرۇشقا تىركىشىپ باقتى، لېكىن تىكەنلىك ئارقان بىلەن ماتىلىپ قالغاندەك ئورنىدىن تۇرالماي قالدى.
ئاچچىقلىشىپ قالماق، زىتلاشماق، قارشىلىشىپ قالماق.
مودەنگۈل ئالدىنقى يىلى ئوغۇت توپلاش ۋاقتىدىمۇ، سۇلايمان سۇخەنچى بىلەن بىر قېتىم تىركىشىپ قالغانىدى.
كەينىگە داجىماق، ماڭماي تۇرۇۋالماق.
ئۇ بىر داۋاننىڭ تۈۋىدىكى ئېقىنغا كەلگەندە، ئۆتكىلى ئۇنىماي تىركىشىپ تۇرۇۋالدى.