Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تىرىك بوياش
دائىرە: بىئولوگىيە活体染色
huótǐrǎnsè
تىرىك ھۈجەيرىلەنى تەتقىق قىلىشتىكى بىر خىل بوياش ئۇسۇلى. زەھەرسىز ياكى زەھىرى ئاز بوياقلار (تىرىك ماددا بوياقلىرىدىن مەسىلەن، جاناس يېشىلى ترىپان كۆكى، مېتىل كۆكى قاتارلىقلار) نى ھايۋانلارنىڭ توقۇلما ياكى ھۈجەيرىلەرگە كىرگۈزۈپ، تىرىك ھۈجەيرىلەرنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىدىكى ئۆزگىرىش جەريانلىرى كۆرسىتىلىدۇ. تىرىك ماددا بوياقلىرى زەھەرسىز ياكى زەھەرلەش دەرىجىسى تۆۋەن بولغانلىقتىن، ھۈجەيرىلەرنىڭ ھاياتلىق پائالىيەتلىرىگە تەسىر قىلمايدۇ ياكى ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ قويمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ كۆزىتىلىش نەتىجىسى ئەمەلىيەتكە يېقىنراق بولۇپ، مۇقىملاشتۇرۇلغان ياپىلاق كەسمىلەرنى بوياش ئۇسۇلىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. تەتقىقاتلاردا ئەگەر بىر قىسىم ھۈجەيرە ياكى توقۇلمىلار تىرىك ماددا بوياقلىرى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنسا، تەن سىرتىدا تىرىك بوياش دېيىلىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.