Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تېرە قاناتلىقلار ئەترىتى
بىئولوگىيە
皮翼目
píyìmù
ئېمىتكۈچىلەر سىنىپىدىكى ھاشاراتخورلار ئەترىتى، قولقاناتلىقلار ئەترىتى ۋە پرىماتلار ئەترەتلىرىنىڭ ئارىلاش ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە بولغان بىر خىل ھايۋانلار. پەقەت تېرە قاناتلىقلار ئائىلىسى (Cynocephalidae)، تېرە قاناتلىقلار ئورۇقدىشىدىكى (Cynocephalus) ئىككى خىل مۈشۈك مايمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەدىنى مۈشۈككە ئوخشاش چوڭلۇقتا بولۇپ، تېنىنىڭ ئىككى يېنىدا بويۇن قىسمىدىن باشلىنىپ ئالدى - كەينى پۇتلىرىدىن ئۆتۈپ قۇيرۇق قىسمىغا كەلگۈچە داۋاملاشقان كەڭ ھەم تۈكلەرگە قاپلانغان ئۇچار پەردىسى (قانات پەردىسى) بولىدۇ. تۇمشۇقى ئۇچلۇق، ئۇزۇن، چىش تىپى ھاشاراتخورلار ئەترىتىدىكىلەرگە ئوخشاش، لېكىن ئۈستۈنكى - ئاستىنقى كۈرەك چىشلىرى ياپىلاق؛ يۈز قىسمى تۈكلەرگە قاپلانغان، كۆزى چوڭ؛ ئالدىنقى پۇتى كەينى پۇتىدىن كالتە، بەش بارماقلىق، بارماق ئۇچىدا ئۆتكۈر ھەم ئەگرى تىرنىقى بولىدۇ؛ تۈك رەڭگى ھەم تىپ شەكلىدە ئۆزگىرىش چوڭ بولۇپ، ئەركەكلىرى تولىراق سۇس قوڭۇر رەڭ، چىشلىرى كۈل رەڭ بولۇپ، دۈمبە قىسمىدا ئاق داغ چېكىتلىرى بولىدۇ. مېۋە، يۇمران بىخ، گۈل - چېچەك قاتارلىقلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، دەرەخلەردە ياشايدۇ، يامىشىشقا ماھىر، لېكىن ھەرىكىتى ئاستا، ئۇلار كۈندۈزى يوشۇرۇنۇپ كېچىسى ھەرىكەتلىنىدۇ، ئۇچار پەردىسىگە تايىنىپ يىراقلىقى 36 مېتىرغىچە لەيلەپ، پەسلەپ ئۇچالايدۇ. بوغاز مەزگىلى تەخمىنەن 60 كۈن بولۇپ، ھەر نۆۋەتتە بىر ياكى ئىككىنى تۇغىدۇ. مالايسىيا، فىللىپپىن ۋە ھىندونېزىيە قاتارلىق جايلاردىكى ئورمانلارغا تارقالغان. يەرلىك خەلقلەر ئۇلارنى تۇتۇپ گۆشىنى يەيدۇ. يۇڭى يۇمشاق بولۇپ، قۇلاقچا تىكىشكە بولىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
革翅目
gé chì mù