Uyghurئاساسىي لۇغەت
تىرەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خەيرخاھ؛ ياردەملەشكۈچى، يۆلىگۈچى.
دادىلغا بەخت يار. يارىم يار بولسا، ھېچنېمىدىن قورقمايمەن. يىقىلغانغا يۆلەك بول. يار قېشىمدا ئولتۇرسا، تاغدەك يۆلەك ئەمەسمۇ، ئاغزىدا دېگەن بىلەن، كۆڭلى بۆلەك ئەمەسمۇ. بۇ بوستاندا دوستلار بولمىسا تىرەك، نېسىپ بولماس، مەقسەت گۈلىنى تەرمەك. تايانچ تاپتىم تالادىن، قۇتۇلۇپ قالدىم بالادىن. ئەر قانىتى - ئات.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بىرەر نەرسىنى يۆلەپ، كۆتۈرۈپ، تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن قويۇلىدىغان مەلۇم ئۇزۇنلۇقتىكى ياغاچ، تۆمۈر قاتارلىق نەرسىلەر.
بىز شېخىنى كۆتۈرەلمەي تىرەك قويۇۋەتكەن شاپتۇللۇق، ئالمىلىقلاردىن ئۆتۈپ، يۇمران كۆچەتلىككە كەلدۇق.
كۆچمە. قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغان، ياردەم بېرىدىغان كۈچ، ھىمايىچى.
چەتنىڭ پايلاقچىسى شەيخ بىلەن ئۇ نىڭ ئىككى شېرىكىنى تۇتۇشلا يەتمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئوردىدىكى كونا تىرىكىنى يوقىتىش كېرەك.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
تىرەك، يۆلەك، يۆلەنچۈك.