Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ترىدون
دۇنيا تارىخى
特里东
tè lǐ dōng
(1841 - 1871) فرانسىيە ئىنقىلابچىسى، بلانكىچى ۋە سوتسىيالىزم ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان. <مۆمىنلەر گېزىتى> ۋە <تەنقىد گېزىتى> نى چىقارغان. 1866-يىلى بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالغا قاتناشقان. ئارىدا قاماققا ۋە سۈرگۈنگە ھۆكۈم قىلىنغان. 1870-يىلى يوشۇرۇن ھالدا ۋەتىنىگە قايتىپ، 8-ئاينىڭ 14-كۈنى بلانكىچىلارنىڭ ئىككىنچى ئىمپېرىيىگە قارشى قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. 4-سېنتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، بلانكى بىلەن بىرلىكتە <ۋەتەن خەۋپ ئىچىدە> دېگەن گېزىتىنى چىقارغان ھەمدە 20-رايون مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 7118-يىلى 2-ئايدا، مىللىي پارلامېنتنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان؛ 3-ئاينىڭ 26-كۈنى كوممۇنا ئەزالىقىغا سايلانغان ھەمدە مىللىي پارلامېنت ئەزالىقىدىن ئىستېپا بەرگەن. كېيىن كوممۇنا ئىجرائىيە كومىتېتى ۋە ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان، ئۇ ئاز سانلىقلارغا مەنسۇپ بولغان. <ماي قانلىق ھەپتىلىكى> كۈرىشىگە ئاكتىپ قاتناشقان. كوممۇنا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن بېلگىيىدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن ھەمد شۇ يەردە ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ <ھېبېرتچىلار>، <گروندى ۋە گروندىچىلار>، <1793 - يىلدىكى پارىژ كوممۇنىسى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.