Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تېراسيماكو
دۇنيا تارىخى
忒拉叙马科
tè lā xù mǎ kē
(مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅴ - Ⅳ ئەسىرلەر ئارىلىقىدا ئۆتكەن) سېراسىماك دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. قەدىمكى يۇنان دانىشمىنى، كالكېدون (بوسفور دېڭىز بوغىزىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا) لىق. سوكرات ۋە گورگىياس بىلەن دەۋرداش بولۇپ، مۇنازىرىچىلىقنى ئۆگەنگەن <دانىشمەن> (سوفىست). ئەپلاتون ئۆزىنىڭ <غايىۋى دۆلەت> دېگەن ئەسىرىدىكى سوكرات بىلەن قىلغان دىئالوگىدا: <ئادالەت> - زوراۋانلار مەنپەئىتى دېمەكلىكتۇر؛ قانۇن زوراۋانلار (ھۈكۈمرانلار) تەرىپىدىن تۈزۈلگەن، زوراۋانلارنىڭ قانۇنى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ قېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، خەلقلەر (ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچى) نىڭ قانۇنغا بويسۇنۇشىمۇ <ئادالەت> كە كىرىدۇ، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان دەپ ھېسابلىغان. شۇنداق قىلىپ ئۇ، غەربىي ياۋروپادا ئەڭ بۇرۇن <زوراۋانلىق - ئادالەت> دېگەن تەلىماتنى ئوتتۇرىغا قويغان.