Uyghurئاساسىي لۇغەت
تىران ھاكىمىيىتى
دۇنيا تارىخى
گرېكچە tyrannia نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، <زالىم پادىشاھ ھاكىمىيىتى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ قانۇنسىز يول بىلەن ھاكىمىيەتنى قولغا كىرگۈزۈۋالغانلار قۇران ئىستىبداتلىق ھۆكۈمرانلىقنى كۆرسىتىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرگىچە گرېتسىيىنىڭ كورنىف، ئارگوس، مېگرا، سىكىئون، ئافىنا قاتارلىق شەھەر دۆلەتلىرىدە تىران ھاكىمىيىتى بارلىققا كەلگەن. <تىران> دېگەن سۆزدە دەسلەپ سەلبىي مەنا بولمىغان. شائىرلانىڭ ئەسەرلىرىدە تىراننى بەزىدە <شاھ> دەپمۇ ئاتىغان، ئافىنادا پېستىراتوس (مىلادىدىن ئىلگىىر Ⅵ ئەسىر) قۇرغان تىران ھاكىمىيىتى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ كۈچىگە زەربە بېرىش، ئىگىلىكنى ۋە مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتلىرىدە نەتىجە قازانغان. كورىنفنىڭ تىرانى پېرىئاندرو قەدىمكى يۇناندىكى <يەتتە دانىشمەن> نىڭ بىرى دەپ قارالغان. دەسلەپكى گرېتسىيىدىكى تىران ھاكىمىيىتى ئادەتتە ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىنىڭ قالدۇقلىرىنى تازىلاشتا ئىجابىي رول ئوينىغان. لېكىن كەسكن سىياسىي كۈرەش ئېقىمىدا ھامان ئۇزاققىچە دۋاملىشالمىغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅴ ئەسىردىن تارتىپ مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا بارا - بارا <تىران> سەلبىي مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەسىلەن، سىتسىلىيە سىراكۇزىنىڭ تىرانى ئاتا - بالا دىئونىسيو شۇندا بولغان. ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋردە ئىتالىيىنىڭ بەزى شەھەلىرىدىمۇ تىران ھاكىمىيىتى يولغا قويۇلغان.