Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تىپۇ سۇلتان
دائىرە: دۇنيا تارىخى铁普苏丹
tiě pǔ sū dān
(تەخمىنەن 1750 ) 1799( جەنۇبىي ھىندىستاندىكى مەنسۇر دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمرانى )1782 - 1799(. ھەيدەر ئەلىنىڭ ئوغلى. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، ئىچكى جەھەتتە مەمۇرىيەتنى ئىسلاھ قىلغان. باج تۈزۈمىنى تەرتىپكە سالغان. تېرىلغۇ يەرنى كېڭەيتكەن، دىنىي مەزھپلەر زىدىديىتىنى پەسەيتكەن، ھەربىي ھازىرلىقلارنى كۈچەيتكەن، ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرغان، شۇنىڭ بىلەن دۆلەت روناق تاپقان. سىرتقا قارىتا ئۈزلۈكسىز يۈرۈش قىلغان ھەمدە قوشنا دۆلەتلەر ۋە فرانسىيىنىڭ قوللىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك تاجاۋۇزىغا قەتئىي قارشى تۇرغان، ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىنى بىر نەچچە قېتىم چېكىندۈرگەن. كېيىن 1799-يىلى 5-ئايدا پايتەخت سېرىنگاپاتامنى مۇھاپىزەت قىلىش جېڭىدە قۇربان بولغان، مەنسۇر مۇستەقىللىقتىن مەھرۇم بولغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.