Uyghurئاساسىي لۇغەت
توزۇماق
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
گۈل - چېچەكلەر خازان بولماق.
ئېچىلماق
گۈل - چېچەكلەر پورەك ئاچماق.
نۇرغۇن گۈللەر ئادەم يوق يەردە ئېچىلار. ئانام بارغۇچە، لەيلىقازاق توزۇپتۇ. گۈل سولىدۇ، ھىدى قالىدۇ. ئەقىل تولىدۇ، ھۆسن سولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
توزاندەك ھەر يانغا چېچىلماق، ئۇچماق، تۆكۈلۈپ چۈشمەك.
توزۇپ چۈشكەن چاچ قىرقىندىلىرى ئالدىمدىكى ئاق كىرلىكنى ئالىچىپار قىلىۋەتتى.
كۆچمە. ھەير تەرەپكە تاراپ كەتمەك، چېچىلىپ كەتمەك.
ئانا! مېنىڭ ئۆيۈمدىكىلەر ھەر تەرەپكە توزۇپ كەتتى. پاناھلىنىدىغان يېرىم يوق، مېنى بالا قىلىۋېلىڭ!
تىتىلىپ، ئۇۋىلىپ كەتمەك.
چىرىپ، كۆكىرىپ كەتكەن بۇ پۇللارنىڭ چۆرىسىنى پۈتۈنلەي چاشقان قىرقىۋەتكەن بولۇپ، تۇتقان يەر توزۇپ تۇراتتى.
ۋەيران بولماق، يوقالماق.
بىلىملىك كىشى ئۇزار، بىلىمسىز كىشى توزار (ماقال).