Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
توز
دائىرە: بىئولوگىيە孔雀
kǒngquè
ئۇ قۇشلار سىنىپىنىڭ توخۇمسىمانلار ئەترىتى، قىرغاۋۇللار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. مەملىكىتىمىز يېشىل توز (pavomulics imperator) چىقىدۇ. خورىزىنىڭ تەن ئۇزۇنلۇقى 2.2 مېتىرغا (قۇيرۇق ئۇزۇنلۇقى 5.1 مېتىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېتىدۇ. پەيلىرى چىرايلىق. يېشىل، ئوچۇق يېشىل، كۆكۈچ يېشىل، قوڭۇر - سۆسۈن رەڭلەرنى ئاساس قىلغان، ناھايىتى جۇلالىق، قۇيرۇقىنى قاپلاپ تۇرغان پەيلىرى ئۇزىراپ ئۆسۈپ، قۇيرۇق يايمىسىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، رەڭگارەڭ تەڭگىسىمان (دۆگىلەك) سىزىقلىرى بولىدۇ. قۇيرۇقىنى يەلپۈگۈچتەك يايغاندا تېخىمۇ كۆركەملىشىدۇ، مېكىيىنىنىڭ قۇيرۇق يايمىسى يوق، پەي رەڭلىرىمۇ خورىزىنىڭكىگە يەتمەيدۇ. كۆپىنچە تاغ باغرىدىكى دەريا - ئۆستەك ياقىلىرىد ياكى ئېتىز - ئېرىقلارنىڭ يېنىدا ياشايدۇ. ياز ۋە ئەتىيازلاردا بىر خورىزى بىر نەچچە مىكىيىنىنى ئەگەشتۈرۈپ چۈجىلىرى بىلەن بىللە توپلىشىپ ھەرىكەت قىلىدۇ، كۈز ۋە قىش پەسىللىرىدە توپى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. ئارىلاش ئۇزۇقلىنىدۇ، ئاساسلىقى ئۇرۇق، شىرنىلىك مېۋە قاتارلىقلار بىلەن جان باقىدۇ. ئۇ ھىندىستان، سىرىلانكا، بىرما، مالاي يېرىم ئارىلى، ياۋا، سوماترا قاتارلىق جايلارغا تارقالغان بولۇپ، مەملىكىتىمىزدە پەقەت يۈننەننىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە غەربىي جەنۇبى قىسمىدىلا ئۇچرىتىشقا بولىدۇ. ئۇ ئەتىۋارلىق تاماشا قىلىنىدىغان ھايۋانلار ھېسابلىنىدۇ، پەيلىرىنى زىننەت بۇيۇمى قىلىشقا بولىدۇ.
ئۇنىۋېرسال,ئورمانچىلىق
孔雀
kǒng quèDتارىخ
托思
tuō sī
دائىرە: ئۇنىۋېرسال(ئى)
kǒng què
孔雀
دائىرە: ئۇنىۋېرسال(ئى)
tǔ miàn (hún yǒu chén tǔ de miàn fěn )
土面(混有尘土的面粉)
ئىختىساسلىق
دائىرە: خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئىشارە تىلىھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەر
ھايۋانلار
(1) بىر قولنىڭ باشمالتىقى ۋە بىگىز بارمىقى ئۇچىنى ئۆزئارا قىسىدۇ ھەمدە قولنىڭ دۈمبىسىنى ئېغىزىغا قويۇپ، قۇش ئېغىزىغا ئوخشىتىدۇ. (2) ئىككى قولنى دەستىلەپ، قايچىلاشتۇرىدۇ ۋە ئالىقاننى سىرتقا، بارماق ئۇچىنى يۇقىرىغا قارىتىپ، يەلپۈگۈچ شەكلىگە ئوخشىتىپ ئىككى تەرەپكە ئېچىپ، توزنىڭ قانىتىنى ئاچقان قىياپىتىگە تەقلىد قىلىدۇ
孔雀
kǒng què
دائىرە: خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئىشارە تىلىھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەر
ھايۋانلار
(1) بىر قولنىڭ باشمالتىقى ۋە بىگىز بارمىقى ئۇچىنى ئۆزئارا قىسىدۇ ھەمدە قولنىڭ دۈمبىسىنى ئېغىزىغا قويۇپ، قۇش ئېغىزىغا ئوخشىتىدۇ. (2) ئىككى قولنى دەستىلەپ، قايچىلاشتۇرىدۇ ۋە ئالىقاننى سىرتقا، بارماق ئۇچىنى يۇقىرىغا قارىتىپ، يەلپۈگۈچ شەكلىگە ئوخشىتىپ ئىككى تەرەپكە ئېچىپ، توزنىڭ قانتىنى ئاچقان قىياپىتىگە تەقلىد قىلىنىدۇ
孔雀
kǒng què