Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
توسكانىنى
دۇنيا تارىخى
托斯卡尼尼
tuō sī kǎ ní ní
(1867 - 1957) ئىتالىيە ئوركېستىر دىرىژورى. پارمادا تۇغۇلغان. 1885-يىلى پارما مۇزىكا ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. دەسلەپتە ئىسكىرىپكىچى بولغان. 1886-يىلى رىئو ـ دې ـ ژانېيرودا ئوپېراغا دىرىژورلۇق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، شۇنىڭدىن كېيىن مەخسۇس دىرىژور بولغان. مىلان راسكارا تىياتىرىدا دىرىژور بولغان. 1937-يىلىدىن 1954-يىلىغىچە نيۇ - يورك پايتەخت تىياتىرى، نيۇ - يورك مۇزىكا ھەۋەسكارلىرى ئوركېستىرىدا دىرىژور بولغان. ئۇنىڭ ماھارىتى پىشقان بولۇپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، دىرىژورلۇق قىلغاندا دائىم نوتا ئىشلەتمىگەن. كىشىلەرگە مۇلايىم، ھەققانىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك بولۇپ، ناتىستلار گېرمانىيىسىدە ئويۇن قويۇشنى قەتئىي رەت قىلغان.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
托斯卡尼尼
tuō sī kǎ ní ní