Uyghurئاساسىي لۇغەت
توشقان تېرىسى ئۈچ كۈن چىدار
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، بىرەر جىددىي ۋە مۈشكۈل ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن كىشى سەۋرچان بولۇپ، چىدام، غەيرەت بىلەن بەرداشلىق بېرىش لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ: مەتروزى ئورۇغان بېدىلىرىنى ھېسابلاپ كۆرۈپ، يەنە ئىككى كۈن چىدىسا، ئىككى قويغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ، توشقان تېرىسىمۇ ئۈچ كۈن چىدايدۇ، دېگەن گەپمۇ بارغۇ، چىداي، دەپ مېڭىشتىن توختاپ قالدى.