Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تورىئى ريۇزو
دۇنيا تارىخى
鸟居龙藏
niǎo jū lóng cáng
(1870 - 1953) ياپونىيىلىك ئانتروپولوگ، ئارخېئولوگ، ئەدەبىيات پەنلىرىنىڭ دوكتورى. توكۇشىما شەھىردە تۇغۇلغان. ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئانتروپولوگىيە كافېدراسىدا ئىشلىگەن. 1895 - يىلدىن باشلاپ، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالى، تەيۋەن، چىشىما (كۇرىل) ئاراللىرى، چاۋشىيەن ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئارخېئولوگىيىلىك ۋە ئانتروپولوگىيە ساھەلىرى بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئاينۇلار، مانجۇلار، تەيۋەندىكى گاۋشەنلىكلەر ھەم تاش قوراللار دەۋرىدىكى ياپون (نىپپون) لار توغرىسىدىكى كۆپلىگەن تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىنى ئېلان قىلغان. ئۇ يەنە توكيو ئىمپرىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، كوكاگاكۇئىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئانتوروپولوگىيە توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىگەن. تىسۇپوئى شۇگورودىن كېيىن توكيو ئانتروپولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان ھەم ئۆز ئالدىغا تورىئى ئانتروپولوگىيە ۋە ئارخېئولوگىيە ئاساسچىسى بولۇپ قالغان. 1939-يىلى جۇڭگوغا كېلىپ يەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا دەرس ئۆتكەن. 1591-يىلى ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن جۇچى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. ئاساھى سىمبۇن نەشرىياتى 12 توملۇق <تورىئى ريۇزو ئەسەرلىرى> نى نەشر قىلغان.