Uyghurئاساسىي لۇغەت
تورسىمان ئېندوتېلىيە سىستېمىسى
دائىرە: بىئولوگىيە<ماكروفاگ سىستېمىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئادەم تېنىدىكى يۇتۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ھۈجەيرىلەرنىڭ ئومۇمىي نامى. ئۇ بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلاردىكى توقۇلما ھۈجەيرىلىرى، لىمفا ھۈجەيرىلىرى، يىلىك ھەم تالدىكى تورسىمان ھۈجەيرىلەر، جىگەر قان سىنوسىدىكى يۇلتۇزسىمان ھۈجەيرە (كۇپفېر ھۈجەيرىلىرى)، بۆرەك ئۈستى بېزى ۋە گىپوفىز بېزى قان سىنوسىدىكى ئېندوتېلىيە ھۈجەيرىلىرى، ئۆپكە پۈۋەكچىلىرى ئارىلىقىدىكى چاڭ - توزان ھۈجەيرىلىرى، قان سۇيۇقلۇقىدىكى بىر يادرولۇق ھۈجەيرىلەر، مېڭە يۇلۇندىكى كىچىك يىلىم ماددىلىق ھۈجەيرە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ ھەممىسى بەدەندىكى ئۆلۈك ھۈجەيرىلەر ۋە بەدەنگە كىرگەن كېسەل قوزغاتقۇچىلارنى يۇتۇپ ھەزىم قىلىۋېتىش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئۇلارنىڭ ھاسىل بولۇشى قان ئىشلىگۈچى ئورگانلارنىڭ تورسىمان ھۈجەيرىلىرى ۋە قان سىنوسى ئىچىدىكى ئېندوتېلىيە ھۈجەيرىلىرىگە كۆپرەك مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا <تورسىمان ئېندوتېلىيە سىستېمىسى> دەپ ئاتالغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.