Uyghurئاساسىي لۇغەت
تورى پارتىيىسى
دۇنيا تارىخى
ئەنگىلىيە پارتىيىسى. <تورى> ئەسلىدە ئىرلاندىيە <قارا نىيەتچىلىرى> نى يەنى ئەنگلىيىگە قارشى تۇرىدىغان ئىرلاندىيىلىكلەرنى كۆرسىتەتتى. 17 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدا، جامۇس Ⅱ قوللايدىغان بىر تەرەپ ئۆزىنىڭ سىياسىي رەقىبى خۇيگلارتەرىپىدىن تورى دەپ ھاقارەتلىنىپ، ئۇ، بارا - بارا مۇشۇ گورۇھنىڭ رەسمىي ئىسمى بولۇپ قالغان. بۇلار ئەنگىليە دۆلەت دىنىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىندارلىرى ۋە يەر ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغان. كۆپ قېتىم كابىنت تەشكىللىگەن.
19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن. ئامېرىكىنىڭ بەزى كونسېرۋاتىپ سىياسىي گۇرۇھلىرىمۇ بۇ ئىسىمنى داۋاملىق قوللانماقتا.