Uyghurئاساسىي لۇغەت
تورمۇزلىنىشتىن قۇتۇلۇش
پسىخولوگىيە
ئۆچۈپ كېتىپ تورمۇزلىنىپ قالغان شەرتلىك رېفلېكىسنىڭ ھەددىن ئارتۇق غىدىقلىنىش بىلەن ۋاقىتلىق ئەسلىگە كېلىش ھادسىسى تورمۇزلىنىشتىن قۇتۇلۇش دېيىلىدۇ. بۇ ئۆچۈش بىلەن ھاسىل بولغان ئىچكى تورمۇزلىنىشنىڭ ھەددىن ئارتۇق تەسىردىن بولغان تاشقى تورمۇزلىنىش سەۋەبىدىن، يەنى مۇسبەت ئىندۇكسىيىدىن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنى ئىچكى تورمۇزلىنىش (ئۆچۈش خاراكتېرلىك تورمۇزلىنىش) نىڭ تاشقى تورمۇزلىنىشى، يەنى تورمۇزلىنىشنىڭ تورمۇزلىنىشى دېيىشكە بولىدۇ. دىففېرېنسىئاللىغۇچى تورمۇزلىنىش، كېچككەن تورمۇزلىنىش، شەرتلىك تورمۇزلىنىشلاردىمۇ تورمۇزلىنىشتىن قۇتۇلۇش يۈز بېرىدۇ. بۇ تۈرلۈك تومۇزلىنىشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى ياكى يوقىلىشىدا ئىپادىلىنىدۇ.