Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تورمۇزلىغۇچى نېرۋا
پسىخولوگىيە
抑制神经
yì zhì shén jīng
ئومۇمەن ئۆزىدىكى قوزغىلىش ئارقىلىق ئۆزى ئىدارە قىلىۋاتقان ئەزانىڭ ھەرىكتىنى تورمۇزلايدىغان مەركەزدىن قاچقۇچى نېرۋا تورمۇزلىغۇچى نېرۋا دەپ ئاتىلدۇ. بۇ ئومۇرتقىلىق ھايۋانلاردا ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىدىكى ۋىگتاتىۋ نېۋىلار بىرلىشىپ ئىدارە قىلغانلىقتىن جىقراق كۆرۈنىدۇ. لېكىن بەزى ئومۇرتقىسىز قىسقۇچ پاقىلارنىڭ قىسقۇچ مۇسكۇلىدىمۇ مۇشۇ خىلدىكى نېرۋىنى كۆرگىلى بولىدۇ. تورمۇزلىغۇچى نېرۋا ئۇچىدىن ئاجرىلىپ چىققان تومۇزلىغۇچ توشۇغۇچى ماددا قىسقۇچ پاقىنىڭ قىسقۇچ مۇسكۇلىدىكى گانىمالۇندىن، ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ ئاداشقان نېرۋىسىدىكى ئاتسىتخولىنىدىن ئىبارەت بولىدۇ، تورمۇزلىغۇچى نېرۋا تورمۇزلىغۇچ توشۇغۇچى ماددىنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ ئېففېكتورنى تورمۇزلايدۇ. ياكى مۇسكۇل تالاسىدا تورمۇزلاش خاراكتېرلىك سىناپسېنىڭ ئارقا پوتېنسئالىنى پەيدا قىلىدۇ ۋە ياكى قوزغىلىش نېرۋىسىغا سىناپسې ئالدىنقى تورمۇزى تەسىر قىلىدۇ. ئېففېكتوردا قوزغىلىش پەيدا قىلىدىغان مەركەزدىن قاچقۇچى نېرۋا «قوزغىلىش نېرۋىسى» دەپ ئاتىلىدۇ.