Uyghurئاساسىي لۇغەت
تورمولار
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇلار ھەققىدىكى رىۋايەتلەر پەرقلىنىدۇ. بىر رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە، چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى مى لايىن، دىڭ گودۇن قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، بىر قىسىم خۇيزۇلار خېشىدىن چىلەنشەننىڭ جەنۇبىغا ۋە داتۇڭ دەرياسى ئەتراپىغا كۆچۈپ بېرىپ، يەرلىك موڭغۇل خانلىرىنىڭ ھامىيلىقىغا ئۆتكەن. موڭغۇللار بىلەن ئۇزۇن بىللە ياشاش داۋامىدا ئۆرپ - ئادەتلىرىنى تەدرىجىي ئۆزگەرتكەن. لېكىن، داۋاملىق ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىغان ياكى ئۇلار تۇڭجى يىللىرى غەربىي شىمالدىكى خۇيزۇلارنىڭ چىڭ سۇلالىسىغا قارشى قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندا، چىڭخەيگە چېكىنگەن، شەنشىلىك بەي يەنخۇ قىسمىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر يەرلىك موڭغۇللار بىلەن نىكاھلىنىپ، تەدرىجىي كۆپىيىپ تەرەققىي قىلغان. يەنە بىر رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئادەملەرنىڭ ئالدى شىنجاڭدىن ۋە غەربىي ئاسىيادىن كەلگەن مۇسۇلمانلار بولۇپ، يەرلىك موڭغۇللار بىلەن نىكاھلىنىپ تەدرىجىي كۆپىيىپ شەكىللەنگەن. يەنە بەزى رىۋايەتلەردە ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن موڭغۇللار دېيىلىدۇ. ئۇلار ئاساسلىقى چىڭخەينىڭ شىمالىدىكى رايونلارغا تارقالغان.