Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
توربېك
دۇنيا تارىخى
托尔伯克
tuō ěr bó kè
(1798 - 1872) گوللاندىيە باش ۋەزىرى (1849 - 1853، 1862 - 1866، 1871 - 1872)، قانۇنشۇناس، لىبېراللار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى. ياش ۋاقتىدا گېرمانىيە،بېلگىيە، گوللاندىيە قاتارلىق جايلارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا لېكتور بولغان. 1848 - يىلى نېدىرلاندىيە ئاساسىي قانۇنىنى تەييارلىغان. كورۇل ۋىليام Ⅲ (1817 - 1890) نىڭ غەزەپ - نەپرىتىگە ئۇچراپ، كابىنېت تەشكىللەش بىر نەچچە قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان. باش ۋەزىر بولۇپ تۇرغاندا سايلام، يەرلىك مەمۇرىي باشقۇرۇش ۋە پوچتا ئىشلىرىغا ئالاقىدار بولغان قانۇنلارنى تۈزۈپ چىققان ھەمدە ئەركىن سودا قىلىش سىياسىتى يولغا قويۇلغان؛ گوللاندىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتى مۇستەملىكىلىرىدىكى قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلغان، لېكىن گوللاندىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك تۈزۈلمىسىنى يەنىلا ساقلاپ قالغان؛ رىم كاتولىك دىنىنىڭ تەبىقە تۈزۈمىنى يېڭىۋاشتىن تۇرغۇزۇشنى تەستىقلىغان؛ شىمالىي دېڭىز قانىلىنى ئېچىپ، ئامستېردام بىلەن شىمالىي دېڭىزنى تۇتاشتۇرغان. <ئاساسىي قانۇنغا ئىزاھ> دېگەن ئەسىرى بولۇپ، بۇ ئەسەردە ئۆزىنىڭ گېرمانىيىلىك ئالىم فرېدرىخ كارل (1814 - 1875) نىڭ ھۆرلۈك ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
تارىخ
朵儿伯
duǒ ér b