Uyghurئاساسىي لۇغەت
توڭرا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چاڭ - توزان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەردىن پەيدا بولغان يىرگىنچلىك نەرسە.
«توڭرا»، «قاسماق» كىرنىڭ قاتمۇقات توپلىنىشى.
«قىھخە» كىچىك بالىلارغا ئېيتىلىدۇ.
«زاڭگار»، «گارا» تۇرپان ۋە قۇمۇل شېۋىلىرىدە قوللىنىلىدۇ.
«ھېلىلىق» خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
يۈزۈڭ كىر بولسا، ئەينەكتىن كۆرمە. چىۋىن مەينەت نېمە ئۇ قونغاننى يۇماي نېمە. كەت مەينەت، كەل دۆلەت. قوي ئۆز ئايىغىنى پاسكىنا قىلار. ئادەم سۇنى ئىپلاس قىلار، سۇ ئادەمنى پاكىز قىلار. توڭرا باسقان قولۇڭنى داستىخانغا سونما. يۇيۇنمىساڭ، بەدىنىڭىدىكى كىر قاسماق بولىدۇ. ھاي بالام. ئۇنى يېمە، قىھخە.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بۇلغانغان، چاڭ - توزان قونغان، داغ - دۇغ ئارىلاشقان.
تازا، پاكىز، ئېرىغ، پاك
چاڭ - توزان قونمىغان، داغ - دۇغ ئارىلاشمىغان، بۇلغانمىغان.
قولۇم تازا بولسۇن دېگۈچە، كۆڭلۈك تازا بولسۇن دە. بۇلاقنىڭ كۆزى پاكىز بولسا، سۈيى تازا بولار. ئاق بولمىسىمۇ پاك بولسۇن. ساپ ھاۋا تەنگە داۋا، ئېرىغ سۇ تەنگە شىپا. قوي ئۆز ئايىغىنى پاسكىنا قىلار. ئىتنىڭ ئاغزى تەگكەنگە دەريا سۈيى ئىپلاس بولماس. كىر يەڭنى يۇغانسېرى كىر چىقار. مەينەت قولۇڭنى تازا ئاشقا سۇنما. قاسماق قايناتمىغۇچە ئېرىمەس. توڭرا توڭدىن يامان.
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
پاسكىنا، قاسماق (بەزى جايلاردا توڭۇر) دېيىلىدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
توڭرا.
بەدەندىكى كىر.
3 - 515
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
دوڭدا، دۈم.
ئەر توڭرا تۈشتى _ ئادەم دۈم چۈشتى.
3 - 516
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كىر، قاسماق.
- بالام، - دېدى ئانا بالىسىنى جىمىلەپ، - ئۇۋۇلاپ قولۇڭنىڭ توڭرىسىنى چىقارمىساڭچۇ؟ * - خوش بىز كەتتۇق! - دېدى ئۇ تاشماقنىڭ قاغا پۇتىدەك ئىنچىكە ۋە توڭرا قوللىرىنى سىقىپ، - ھەممە ئىش ئۆزۈڭگە قالدى، يوليۇرۇق سوراشنى ئۇنتۇما!
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تارىخ
قەدىمكى تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ بىرى، يەنى تۇرالارنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، تۇرا دەرياسىنىڭ شىمالىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئەينى ۋاقىتتا تۈرك خانلىقىغا تەۋە ئىدى. سىر - تارتۇشلار كۈچەيگەن مەزگىلدە ئۇلارنىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتكەن، كېيىنكى ۋاقىتتا قۇملۇقنىڭ شىمالىغا كۆچۈپ كەلگەن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى.