Uyghurئاساسىي لۇغەت
توقۇنۇش
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئىككى تەرەپ بىر - بىرى بىلەن دۇقۇرۇشۇش، دۇچ كېلىپ بىر - بىرىگە ئۇرۇلۇش.
ھەر كۈنى دېگۈدەك ئەسكەرلەر بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا كىچىك توقۇنۇشلار بولۇپ تۇردى.
بىر - بىرىگە دۇچ كەلگەن قىسىملار، كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ.
ئون مىنۇت، يېرىم سائەت داۋام قىلىدىغان قىسقا، ئەمما تۇيۇقسىز توقۇنۇشلار دۈشمەنگە ھېچ ئارام بەرمەيتتى.
ئوتتۇرىدا بولغان تالاش - تارتىش، ئىختىلاپ.
راخمان مۇدىر بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا توقۇنۇش ئەنە شۇنداق باشلاندى.
كۆچمە. زىددىيەت، قارىمۇقارشىلىق.
بۇ بىر قاتار ھەرىكەتلەر ئۇنىڭ كاللىسىدا كەسكىن ئىدىيىۋى توقۇنۇش بولۇۋاتقانلىقىنى دەلىللەپ تۇراتتى.
<ئەد> ئەدەبىي ئەسەرلەردە تەسۋىرلەنگەن ھەر خىل پېرسۇناژلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە كۈرەشلەر. توقۇنۇش ئەدەبىي ئەسەرلەر سۇژىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ۋە پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرىنى ئېچىپ كۆرسىتىشتىكى مۇھىم بىر ھالقا.