Uyghurئاساسىي لۇغەت
توققۇز قىزنىڭ تولغىقى بىر كۈندە تۇتماق
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
ھەممە ئىشنىڭ مۈشكۈلاتى، ئېغىرچىلىق بىر ۋاقىتتا توغرا كېلىپ قالماق؛ بىر مۇنچە ئىشلارنىڭ بېجىرىلىشى بىر ۋاقىتتا يىغىلىپ قېلىپ، ئالدىراش، جىددى ۋەزىيەت بارلىققا كەلمەك: - يا ئاللا، بۈگۈن توققۇز قىزنىڭ تولغىقى بىر كۈندە تۇتقىنىنى قارىمامدىغان، ئۇنى قىلسام، بۇ قالىدۇ، بۇنى قىلسام، ئۇ قالىدۇ، - دېدى ئايسىخان ئۇھ تارتىپ.