Uyghurئاساسىي لۇغەت
توقماقچىلار ھەرىكىتى
دۇنيا تارىخى
1645 - يىلنىڭ ئالدى - كەينىدە، ئەنگلىيەنىڭ غەربىي قىسمى ۋە غەربىي جەنۇبىي قىسمىدا پارتلىغان دېھقانلارنىڭ قوراللىق ھەرىكىتى. توقماق قاتارلىقلارنى قورال قىلغانلىقى ئۈچۈن، مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. ئاساسىي ئامما نامرات دېھقانلاردىن ئىبارەت بولۇپ، شەھەر ئاھالىسىمۇ قاتناشقان، ئەمما رەھبەرلىك ھوقۇقىنى بايلار تەبىقىسى ئىگىلىۋالغان. ئادەم سانى 50 مىڭ ئۆپچۆرىسىگە يەتكەن. ئورتاق سىياسىي پروگراممىسى يوق بولۇپ، خانپەرەسلەر پارتىيىسى بىلەن پارلامېنت ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتە بىتەرەپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ مال - مۈلكى ۋە ھاياتىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. خەلق ئاممىسىنىڭ فېئودالىزمغا قارشى كۈچى بولۇپ، ئوبيېكتىپ جەھەتتە يېڭى نەمۇنىلىك ئارمىيىسىنىڭ پادىشاھ ئارمىيىسىنى يېڭىشىگە ياردەم بەرگەن. ئەمما ئاخىرىدا پارلامېنت ئارمىيسى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان.