Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
توپلىشىپ دۆلەت ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
聚众冲击国家机关罪
jù zhòng chōng jī guó jiā jī guān zuì
بۇ - توپلىشىپ دۆلەت ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمىتىنى ئاقسىتىپ، ئېغىر زىيان پەيدا قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ نورمال پائالىيىتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۆلەت ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمىتىنى ئاقسىتىپ، ئېغىر زىيان پەيدا قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ (جىنايى جاۋابكارلىق يېشىغا تولغان ۋە جىنايى جاۋابكارلىق ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلاردىن دۆلەت ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلغان ياكى ئۇنسۇرلار ۋە ئاكتىپ قاتناشقۇچىلار بولىدۇ).
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
290 - ماددا 2 - تارماق توپلىشىپ دۆلەت ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمىتىنى ئاقسىتىپ ئېغىر زىيان پەيدا قىلغانلاردىن باش ئۇنسۇرلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقا ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ