Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
同型齿
دائىرە: بىئولوگىيەئوخشاش تىپلىق چىشلار
ئېغىزدىكى مورفولوگىيە ۋە فۇنكسىيە جەھەتتە بىر - بىرىدىن پەرقلەنمەيدىغان چىشلار ئوخشاش تىپلىق چىشلار دېيىلىدۇ. كۆپ ساندىكى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلاردا ئۇچرايدۇ. بەزى يىلانلار، كەسلەنچۈكلەر ۋە بېلىقلارنىڭ چىشلىرى ئۆزئارا سەل پەرقلەنسىمۇ (مەسىلەن، يىلانلارنىڭ زەھەر چىشى)، لېكىن يەنىلا ئوخشاش چىشلار ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇلارنى زوئولوگىيىدە يەنىلا ئوخشاش تىپلىق چىشلارغا ئىگە دەپ تونۇيدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.