Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
同盟战争
دۇنيا تارىخى
ئىتتىپاقداشلار ئۇرۇشى
مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىردە ئىتالىيە <ئىتتىپاقداش> لىرىنىڭ رىم ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئۇرۇشى. رىم ئىتالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، <بۆلۈپ ئىدارە قىلىش> نى يولغا قويغاندىن كېيىن، ئىتاليانلار <ئىتتىپاقداش> دەپ ئاتالغان. ئۇلار رىم پۇقراسى ھوقۇقىغا ئىگە بولمىغان، شۇڭا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھوقۇق - مەنپەئەتلەردە رىملىقلر بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە بەھرىمەن بولالماي، ھەرخىل مەجبورىيەتلەر (ئەسكەر بولۇش، ئولپان تاپشۇرۇش قاتارلىقلار) نى ئۈستىگە ئالغان. ئىتتىپاقداشلار ئۇرۇشى ئىتاليانلارنىڭ رىمنىڭ زوراۋانلىق ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، باراۋەرلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇرۇشى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئاساسىي مەقسىتى رىم پۇقرالىقى ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت. مىلادىدىن 91 يىل ئىلگىرى، رىم ترىبۇنى لىۋىئۇس درۇسۇس <ئىتتىپاقداش> لارغا پۇقرالىق ھوقۇقى بېرىشنى تەكلىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن، بۇنىڭ بىلەن ئىتاليانلارنىڭ قوراللىق قوزغىلىڭى پارتلىغان. ئىتاليانلار كەڭ كۆلەمدە بىرلىشىپ، ئالدى بىلەن ئاسكۇل شەھىرىدە قوزغىلىپ، ئارقىدىنلا ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئىتالىيىنى ئىگىلىگەن ھەمدە كورفىنىئۇم (ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا) نى مەركەز قىلىپ، ئۆز دۆلىتىنى قۇرۇپ، بۇنىڭغا <ئىتالىيە> (ئېيتىشلارغا قارىغاندا <توپاقلار دۆلىتى> دېگەن مەنىدە ئىمىش) دەپ نام بەرگەن؛ سېنات، كونسۇل قاتارلىقلارنى تەسىس قىلغان ھەمدە پۇل قويۇپ چىققان. مارسىيلىق گېتۇ پومپېدىئۇ ۋە سامنىيلىق گىيو بابېئۇ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بولغان. رىم سېناتى ئالاقزادە بولۇپ، مىلادىدىن 90 يىل ئىلگىرى ئىككى نەپەر كونسۇل ۋە بىر تۈركۈم سەركەردىلەر (مارى ۋە سۇللا) نى ئەۋەتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن باستۇرغان. جەڭ بەكمۇ شىددەتلىك بولغان، رىملىقلار زور بەدەل تۆلىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە پارچىلاش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، رىمغا سادىق بولغان ۋە بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە قورال تاشلىغانلارغا رىم پۇقرالىق ھوقۇقى بېرىشكە ماقۇل بولغان. شۇنىڭ بىلەن <ئىتتىپاقداش> پارچىلىنىپ كەتكەن، مارسىيلىقلار بىلەن سامنىيلىقلار ئەڭ ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىپ، مىلادىدىن 88 يىل ئىلگىرى مەغلۇپ بولغان. لېكىن ئاخىرى، كۆپلىگەن <ئىتتىپاقداش> لار ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە رىم پۇقرالىقى ھوقۇقىغا ئىگە بولغان.