Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تومۇز ئېيى تەرپدارلىرى
دۇنيا تارىخى
热月党
rè yuè dǎng
فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدە تۇمۇز ئېيى سىياسىي ئۆزگىرىشى قوزغىغان سىياسىي تەشكىلات. ئەزالىرىنىڭ تولىسى روبېسپېررېگە قارشى مىللىي ئۇيۇشما ئەزالىرى، ئۇنىڭ ئىچىدە تۈزلەڭچىلەر، دانتونچىلار، ھېبېرتچىلارنىڭ قالدۇقلىرى، شۇنىڭدەك سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن چاقىرىۋېلىنغان گروندېچىلار بار؛ ئۇ چېچىلاڭغۇ مۆتىدىلچىلەرنىڭ ئىتتىپاقى بولۇپ، بۇرژۇئا ئىنقىلابىي مەزگىلىدە بېيىغان يېڭى بايلارنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغان. ئۇنىڭ ۋەكىللىرى بارراس، فۇچې، تاللىئېن،فرېرون قاتارلىقلار ئىدى. ئۇلار ھەم كونا تۈزۈمنى تىرىلدۈرۈشكە قارشى تۇرغان، ھەم ئىنقىلابنى ياكوبىن دىكتاتۇرىسى ۋاقتىدىكى ھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ، كاپىتالىستىك نورمال تەرتىپ ئورنىتىپ، چوڭ بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن سىياسىي تۈزۈم ئورناتماقچى بولغان.