Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
توممان
دۇنيا تارىخى
汤姆曼
tāng mǔ màn
(1856 -1941)ئەنگىلىيە ئىشچىلار ھەرىكىتى رەھبىرى. جامائەت ئەربابى. دەسلىپىدە سوتسىيال دېموكراتلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1889 - يىلى لوندون پرىستان ئىشچىلىرىنى ئىش تاشلاش ھەرىكىتىگە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئەنگىلىيە تېخنىكىسىز ئىشچىلىرىنىڭ بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ئىشچىلار بىرلەشمىسى ھەرىكىتىنىڭ ئاكتىپ تەشەببۇسكارلىرىدىن بولۇپ قالغان. 1894 - 1897- يىللىرى مۇستەقىل ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ سىكرىتارى بولغان. 1902 - يىلى ئاۋستىرالىيە ئىشچىلار پارتىيىسىنى تەشكىللەشكە ھەمكارلاشقان. 1920 - يىلى ئەنگىلىيە كومپارتىيىسىنى تەشكىللەش پائالىيىتىگە قاتناشقان. ئۆمرىدە ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقى سەۋەبىدىن كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. <ئەسلىمە> دېگەن ئەسىرى بار.