Uyghurئاساسىي لۇغەت
توم يىپلىق مەزگىل
بىئولوگىيە
سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈشنىڭ ئالدىنقى دەۋرى Ⅰ نىڭ ئۈچىنچى مەزگىلىدۇر. بۇ مەزگىلنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئوخشاش مەنبەلىك خروموسوملار ئىككى - ئىككىدىن جۈپ تۈزۈپ، بىرلىكتە ئۇزۇنغا باغلىنىپ توم يىپسىمان ئىككى ۋالېنتلىق تەنچىنى ھاسىل قىلىدۇ. ھەر بىر خروموسوما ئىككى تال خروماتىدنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقتىن، ئەمەلىيەتتە ئىككى ۋالېنتلىق تەنچىدە تۆت تال خروماتىد بولىدۇ، شۇڭا تۆت بۆلەكلىك تەنچە ياكى تۆت بىرلەشمە تەنچە دەپ ئاتىلىدۇ. ئىرسىيەت ماددىسى تۆت بۆلۈكلىك تەنچىدىكى غەيرىي ئاچا - سىڭىل خروماتىدلار ئارىسىدا ئالمىشىدۇ.