Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تومبې
دۇنيا تارىخى
冲伯
chōng bó
(1919 - 1969) كونگو (لىئوپولدۋىل، ھازىرقى زايىر) بۆلگۈنچىلىرىنىڭ باشلىقى. كاتانگادا تۇغۇلغان، قېيىن ئاتىسى رونتا پادىشاھى. چېركاۋ مەكىتپىدە ئوقۇغان، كېيىن سودا بىلەن شۇغۇللانغان. 1959 - يىلى كاتانگا قەبىلىلەر بىرلەشمىسى، قىسقارتىلىپ كوناكاتنى قۇرۇپ چىقىپ، بېلگىيە كاپىتالىستلىرى ۋە قەبىلىلەرنىڭ يۇقىرى قاتلام ھۆكۈمرانلار سىنىپىنىڭ مەنپەئىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدىغان. 1960 - يىلى كونگو جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بېلگىيىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىپ، <كاتانگا جۇمھۇرىيىتى> نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، ئۆزىنى <زۇڭتۇڭ> لۇققا تەيىنلىگەن، 1961 - يىلى لومۇمبانى ئۆلتۈرگەن. 1963 - يىلى يېڭىلىپ چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1964 - يىلى زۇڭلى بۈلۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك قوراللىق كۈچلەرنى باستۇرغان. 1965 - يىلى تەختتىن غۇلاپ چۈشۈپ، يەنە بىر قېتىم چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1967 -يىلى سىرتتىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان، ئۇزۇن ئۆتمەي ئالجىرىيىدە نەزەربەنت قىلىنىپ،كېيىن مۇشۇ يەردە ئۆلگەن.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
通贝
tōng bèi