Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
توماس مان
دۇنيا تارىخى
托马斯.曼
tuō mǎ sī .màn
(1875 - 1955) گېرمانىيىلىك يازغۇچى. ھېنرىخ ماننىڭ ئىنىسى. لوبىكتىكى چوڭ سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ئىستراخۋانىيە شىركىتىدە خىزمەت قىلغان. كېيىن ميۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەدەبىيات ۋە گۈزەل سەنئەت تارىخى ئوقۇغان. ئاكىسى بىلەن بىللە ئىتالىيىنى ساياھەت قىلغان. 1901 - يىلى تۇنجى رومانى -<بۇدېنبولۇك ئائىلىسى> نى ئېلان قىلغان. بۇ، گېرمانىيە تەنقىدىي رېئالىزمىدا مۇھىم ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. 1924 - يىلى <ئالۋاستىلار تېغى> دېگەن رومانىنى ئېلان قىلغان. 1929 - يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ناتسىستلار ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن فرانسىيە، شۋېتسارىيە ۋە ئامېرىكىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن.چەت ئەلدە تۆت توملۇق <يۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى >، <دوكتور فاۋۇستې> ددېگەن رومانلارنى يازغان. 1949 - يىلى گېتې مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. 1952 - يىلى شۋېتسارىيىگەكۆچۈپ بارغان. يەنە <تۇنيا كروگىل>، <كىنەزئالىيلىرى>، <ۋىنسنىڭ ھالاكىتى>، <مارمو بىلەن سېھىرگەر>، <ليۇتى ۋېيمادا>قاتارلىق رومانلارنى يازغان. بۇلاردىن باشقا<ھاياتىدىن قىسقىچە تەرجىمىھال> ۋە <30 يىللىق ماقالىلەر توپلىمى> دىگەنلەرمۇ بار.