Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
توڭلىتىپ نۇسخا ئېلىش تېخنىكىسى
دائىرە: بىئولوگىيە冰冻蚀刻术
bīngdòngshíkèshù
ئەۋرىشكىنىڭ سىرتقى يۈزىنى پرويېكسىيىلەپ (سايىسىنى چۈشۈرۈپ) شەكلىنىڭ نۇسخىسىنى ئالدىىغان بىر خىل تېخنىكا. ئالدى بىلەن ئەۋرىشكىنى توڭلىتىپ، ۋاكۇئومدا ئەۋرىشكىنىڭ سىرتقى يۈزىگە پلاتىنا - كاربون ئارىلاشمىسى ھورلاندۇرۇلىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە نېپىز بىر قەۋەت كاربونلۇق پەردە ھورلاندۇرۇپ، ئاندىن كېيىن شەكىللەنگەن نۇسخا پەردىنى ئېلىپ ئۇنى ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپتا قويۇپ ئەۋرىشكىنىڭ سىرتقى شەكلىنى بىۋاستە كۆزەتكىلى بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل بىلەن ھۈجەيرىلەرگە، بەزى ھۈجەيرە ئاپپاراتلىرىنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ شەكلىگە نىسبەتەن كۆزىتىش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.