Uyghurئاساسىي لۇغەت
تولغاغ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قۇلاققا تاقايدىغان زىننەت بۇيۇمى. ئالتۇن، كۈمۈش، ۋە باشقا ئېسىل نەرسىلەردىن ياسىلىدۇ.
<سۆكە> قەشقەر شېۋىسىدە، <ئىڭڭىلىك> لوپنۇر دىئالېكتىدا، <يىگىنە> قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
ئىنەك سېتىپ ھالقا ئالغان ئەخمەق. زەردىن زىرە تاقىغۇچە، ئىشلەپ زەر تاپ. سىرغا سىرىلغا چۈشمەيدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
سوكە؛ ھالقا.
قۇلاققا تاقىلىدىغان سوكە. يىنچۈ تولغاغ _ ئۈنچە ھالقا.
1 - 420
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تولغاق، جاپا.
« ئەمگەك تولغاغ» مۇ دېيىلىدۇ. بۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى «تولغاق (قۇلۇنج) » دۇر. ئانىڭ قارنى تولغار _ ئۇنىڭ قارنى تولغىدى، يەنى قورسىقى تولغاپ ئاغرىدى.
2 - 420