Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
توكۋىل
دۇنيا تارىخى
托克维尔
tuō kè wéi ěr
(1805 - 1859) فرانسىيىلىك سوتسىئولوگ، تارىخشۇناس. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. پارىژ قانۇن ئۆگەنگەندىن كېيىن، 1831-يىلى ئامېرىكىغا بېرىپ، ئەدلىيە تۈزۈمى ۋە سىياسىي ئورگانلارنى تەكشۈرگەن ھەمدە كۆپ قېتىم ئەنگلىيىنى زىيارەت قىلىپ، ئەنگلىيە لىبېراللىرى بىلەن ئالاقىدە بولغان. 1838-يىلىدىن باشلاپ ئېتىكا ۋە پولىتىكا ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1841-يىلىدىن باشلاپ فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. 1848-يىلى ئىنقىلاب مەزگىلىدە ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى ۋە قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىغا سايلاپ كىرگۈزۈلگەن، ئىككىنچى يىلى قىسقا مۇددەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. 1851-يىلى لۇئى بۇناپارتقا قارشى تۇرغانلىقتىن قولغا ئېلىنغان، كېيىن سىياسىي ساھەدىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن. 1835-يىلى <ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيە تۈزۈمى ھەققىدە> نى نەشر قىلىپ، ناھايىتى يۇقىرى شان - شەرەپكە ئىگە بولغان. ئامېرىكىچە دېموكراتىيىنى ماختاپ، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكنى تەرغىپ قىلغان ھەمدە بۇرژۇئا ئىنقىلابى ۋە دېموراتىك ئۆزگەرتىشنىڭ مۇقەررەرلىكىنى كۆرسىىتپ بەرگەن. 1856-يىلى نەشر قىلىنغان <كونا تۈزۈم ۋە بۈيۈك ئىنقىلاب> تا فرانسىيە يېڭى - كونا تۈزۈملىرىنىڭ باغلىنىشىنى مۇھاكىمە قىلىپ، بۇلارنىڭ ۋارىسلىق قىلىنىش خاراكتېرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. لېكىن يەن ئىنقىلاب قىلمايمۇ فېئوداللىق تۈزۈمنى يوق قىلغىلى بولىدۇ دەپ قارىغان. بۈيۈك ئىنقىلابتىن بۇرۇنقى زور مىقداردىكى ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى يىغقان. يەنە <ئامېرىكىنىڭ تۈرمە تۈزۈمى ۋە ئۇنىڭ فرانسىيىدە تەتبىقلىنىشى>، <لۇئى ⅤⅩ ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدىكى پەلسەپە تارىخى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.