Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
توكوگاۋا نارىئاكى
دائىرە: دۇنيا تارىخى德川齐昭
dé chuān qí zhāo
(1800 - 1860) ياپونىيە توكوگاۋا شوگونلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى مىتو ۋاسساللىقىنىڭ 9 - ئەۋلاد ۋاسسال بېگى. 1829 - يىلى ۋاسسال بېگى بولغاندىن كېيىن، ۋاسسال ھاكىمىيىتىنى ئىسلاھ قىلىشقا كىرىشكەن. 1844 - يىلى مەھكىمە تەرىپىدىن <تەركىدۇنيا بولۇپ ياشاش> جازاسى بېرىلگەن. 1849 - يىلى كەچۈرۈم قىلىنغاندىن كېيىن ۋاسسال ھاكىمىيىتىگە داۋاملىق قاتناشقان. 1853 - يىلى پېررى كېمىلەرنى باشلاپ ياپونىيىگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇ شوگناتتىكى ئابى ماساخىرونىڭ ھەربىي - سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىغا ھەمكارلاشقان، سىرتقا قارىتا ئەجنەبىلەرنى يەكلەشنى تەشەببۇس قىلىپ، ياپونىيە - ئامېرىكا شەرتنامىسىنى ئىمزالاشقا قارشى تۇرغان، ئىچكى جەھەتتە ئىچىخاشىنىڭ ئوغلى يوشىنوبۇنى سىياگۇن بولۇشقا پائال قۇتراتقان. كىئى ۋاسسال بېگى توكوگاۋانى سىياگۇن قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان ئىناۋنا ئوسوكې قاتارلىق كىشىلەر بىلەن قارشىلاشقان. 1858 - يىلى ئىناۋ تايىرو بولغاندىن كېيىن ماتسۇخىرا كېئې قاتارلىقلار بىلەن بىللە شوگناتنى يارلىققا خىلاپلىق قىلىپ شەرتنامە ئىمزالىدى، دەپ ئەيىبلىگەن. شۇ يىلى يەنە <تەركىدۇنيا بولۇپ ياشاش> جازاسى بېرىلگەن. ئىككىنچى يىلى مىتوغا سولاپ قويۇلغان. ئۇزۇن ئۆتمەي كېسەل بىلەن ئۆلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.