Uyghurئاساسىي لۇغەت
توك
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
ئېلېكتىر زەرىتىنىڭ ئېقىمى.
توك بېسىمى.* توك ئېقىمى.* توك دەزمال.* توك ئوچاق.* توك سائەت.
ئاھاڭداش سۆزلەر
تەقلىد سۆز.
قاتتىق نەرسە قاتتىق نەرسىگە تەگكەندە چىققان ئاۋاز.
تاغ تۈۋىدە ئولتۇرساق، بىر تاش توك قىلىپ يەرگە چۈشتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
زەرەتنىڭ بارلىقى ۋە زەرەتنىڭ ئۆزگىرىش ھادىسى. جىسىمدىكى مۇسبەت زەرەت ياكى مەنپىي زەرەت.
شىنجاڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە سانائىتىنىڭ 10 يىللىق پىلانى بويىچە، 1995 - يىلىغا بارغاندا توك چىقىرىش مىقدارى 10 مىليارد 500 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكۈزۈلىدۇ. 2000 - يىلى يىللىق توك چىقىرىش مىقدارى 16 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يەتكۈزۈلىدۇ. ئۈرۈمچى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى ئۇدا تۆت قېتىم 100 كۈنى بىخەتەر ئىشلەش رېكورتى ياراتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
ئېلېكترون
ئېلېكتر زەرىتىنىڭ ئېقىمى. توك ئۆتكۈزگۈچتىن ئۆتكەندە ئىسسىقلىق ئېففېكتى، خىمىيىلىك ئېففېكت، يورۇقلۇق چىقىرىش ئېففېكتى قاتارلىقلارنى ھاسىل قىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
تاش، چالما قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ يەرگە ياكى قاتتىق نەرسىلەرنىڭ ئۈستىگە چۈشۈشىدىن ياكى ئۇرۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز.
قۇشقاچنىڭ ئاغزىدىكى دان ئالدىغان <توك> قىلىپ چۈشۈپتۇ.
توخۇ، ئۆردەك قاتارلىقلارنىڭ داننى قاتتىق چوقۇپ ئېلىشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز.
خوراز يەردىكى داننى <توك> قىلىپ چوقۇۋالدى.