Uyghurئاساسىي لۇغەت
تويماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
يەپ - ئىچىپ، غىزالىنىپ، غىزا ۋە سۇغا بولغان تەلىپىنى قاندۇرماق.
تويمىساڭ تويۇڭدا تويارسەن (ماقال).
ئۇ ھەرقانچە يېسىمۇ ھەرگىز تويمىدى.
قانماق، قانائەت ھاسىل قىلماق.
ئۇلار ئۇيقۇغا تويمىغان ئىشچىلارنىڭ ھارغىن يۈزىگە شوخ ۋە مەغرۇر نەرەز بىلەن قاراپ تۇراتتى.
كۆچمە. زېرىكمەك، بىزار بولماق، بەزمەك.
دۇنيادىن تويماق. جاندىن جاق تويماق.
مەن ئۇنىڭ گېپىدىن تويۇپ كەتتىم.