Uyghurئاساسىي لۇغەت
توغرىلىق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم( « توغرا Ⅱ نىڭ 1 _ » سىگە ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە « لىق» قوشۇلغان ).
چىنلىق، پاكلىق، راستلىق، ھەقىقىيلىك.
پۇتۇڭنىڭ توغرىلىقغا قارىما، يولۇڭنىڭ توغرىلىقىغا قارا ( ماقال ).
جاھاندا ياخشى ئىش يوق توغرىلىقتىن،
توغرىلىق گۈلى خالىي تىكەن تىغىدىن.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت
گەۋدىلىك، ئەنلىك، كۆلدىلەڭلىك.
ئەمەت توغرىلىق بالا بولۇپ ئۆسۈپتۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
راست - توغرا ھالەت.
راستلىق - راۋانلىق. راستچىللىق ئەڭ گۈزەل ئەخلاق. چىنلىق گۈزەللىكتۇر. چىنلىق ئاخباراتنىڭ جېنىدۇر. جىڭلىق جىڭ كۆتىرىدۇ. ھەقلىق - ئۇلۇغلۇق. توغرىلىق تۈگىمەس بايلىق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. توغرا ھالەت.
پۇتۇڭنىڭ توغرىلىقىغا قارىما، يولۇڭنىڭ توغرىلىقىغا قارا (ماقال).
سۈپ. توغرىسىغا چوڭايغان، گەۋدىلىك.
شۇ ئەسنادا باغ تەرەپتىن ئېگىز بويلۇق، بۇغداي ئۆڭلۈك، توغرىلىق بىر ئايال چىقىپ كەلدى.